•  
        2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى كورىيەدە شىنجاڭ(ئۇيغۇر)-كورىيە بىرلەشمە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلماقچى.بۇ كۆرگەزمىگە كورىيەدىكى رەسساملار ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر (پەقەت ئۇيغۇرلار )رەسساملارنىڭ داڭلىق رەسىملىرى قاتناشتۇرۇلىدۇ. ھازىرغا قەدەر پەقەت  ئىككى نەپەر ئۇيغۇر رەسسامنىڭ ئەسەرلىرى تىزىملاندى.شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن بىر قەدەر كامالەتكە يەتكەن،ئۇيغۇر مىللى ئۇسلۇبىدا رەسىم سىزىشقا ماھىر رەسساملار  ، ئەسەرلىرىنى  خەلقئارا سەھنىدە نامايەن قىلىشنى خالايدىغانلار رەسساملارنىڭ  تېزدىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. بۇ پائالىيەتكە يەنە شىنجاڭدىكى بىرقانچە ئارتىس ۋە مەدەنىيەت-سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تەكلىپ بىلەن قاتنشىدۇ.
        مۇھىم بىر شەرت:   رەسسامنىڭ چوقۇم پاسپورتى بۇلۇشى كېرەك. (ۋاقىت يار بەرگەن بولسا پاسپورتى يوق رەسساملارنىڭ پاسپورت بىجىرىپ كېلىشىگە ياردەم قىلغان بۇلاتتۇق).
         رەسسام پەقەت كىرا ھەققىنى (شىنجاڭدىن كورىيەگە كېلىپ كېتىشكە پەقەت 4-5 مىڭ يۈەن كېتىدۇ) ئۆزى ھەل قىلسا،كورىيەدە تۇرغان مەزگىلدىكى بارلىق چىقىملارنى كورىيە تەرەپ ئۈسـتىگە ئالىدۇ. كورگەزمىگە قاتناشتۇرىدىغان ئەسەرلەرنى كورىيەگە ئېلىپ كېلىش يۆتكەش ھەققىنىمۇ كورىيە تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.
        ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:  
      چ چ : 996906550          496763152   
    بلوگىمىز: http://xjkorea.blogbus.com
    شىنجاڭدىكى ئالاقىلىش تېلفۇنى : 15199097287     18999975103

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا يۇرتتىكى بارلىق قېرىنداشلار. كورىيەدە ئوقۇۋاتقان مەخمۇتجان،مەردان ،راھىلە، گۈلمىرە قاتارلىق دوستلاردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!
    بەلكىم مۆجىزە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر پالۋان ئۆمەرجان ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مومكىن. بىز ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ كىشىنى كورىيەگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ قالتىس ماھارىتىنى كورىيە SBS تېلۋزىيەسى STARKING پروگراممىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلانى كورىيەگە تۇنۇشتۇرۇشنى ئويلىشىپ كەلگەنىدۇق. بەلكىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  بۇ پروگراممىنى كۆرگەنلەر بەك ئاز بۇلۇشى مومكىن. لېكىن كورىيەنىڭ بۇ پروگراممىسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدىغان ، ھەتتا ئامىرىكىدىمۇ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان داڭلىق پروگرامما بۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى داڭلىق شەخىسلەر،  تالانت ئىگىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئولارنىڭ ماھارىتى نەق مەيداندا كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداقلا  كورىيەدىكى داڭلىق ناخشىچىلار،كىنو ئارتىسلىرى سەھىنىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، بۇ پروگراممىنىڭ كۆڭۈللۈك ئىشلىنىشىگە ياردەمدە بۇلىدۇ.STARKING سۆزىگە قاراپمۇ بۇ پروگراممىنىڭ چولپانلار پروگراممىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىڭىزغۇ-دەيمەن. 
         گەپنىڭ ئۆزىگە قايتايلى. يېقىندا توردىن  ئۆمەرجان ئاكىنىڭ خۇنەن تېلۋىزىيەسى ‹كىم قەھرىمان›پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتكەن فىلىمىنى كۆرۈپ، بۇ كىشىنى كورىيەگە ئېلىپ كېلىش ئىستىكىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەتىسىلا  كورلا تېلۋىزىيە ئىستانىسىدا ئىشلەيدىغان ھەدىمىزنىڭ ياردىمىدە ئۆمەرجان ئاكىنىڭ تېلغۇن نۇمۇرىنى تاپتۇق. ئۆمەرجان ئاكىغا تېلفۇندا بۇ ئوي پىكرىمىزنى ئېتساق ، خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. توردىن ئۆمەرجان ئاكىنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەن فىلىمىلىرىنى چۈشۈرپ تەھرىرىلەپ، تەرجىمھالىنى يېزىپ SBS تېلۋزىيەسىگە يوللىدۇق. بۇ كىچىككىنە ئىشلارمۇ ئاسانغا توختىمىدى. ئۇلارغا تاپشۇرىدىغان ماتىرىياللارنىڭ ھەرخىل تەلەپ -چەكلىمىلىرى شۇنچە كۆپكەن. ئۈچ-تۆت ھەپتە مۇشۇ ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ، ئاخىرى SBS نىڭ تەكلىپنامىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆمەرجان ئاكىغا ئەۋەتتۇق. بىر ھەپتىدىن كىيىن كورىيەنىڭ بېيجىڭدىكى كونسۇلخانىسى ئۆمەرجان ئاكىغا ۋىزا بەردى. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆمەرجان ئاكا كورىيەگە يىتىپ كەلدى. 9
              ئايرودىرومدىكى ئىشلار بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتتى. ئۆمەرجان ئاكىنى كۈتىۋېلىشقا بىز بىلەن بىرگە ،كورىيە SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن  باشقا يەنە بىر قانچە كورىيە پارلامىنت ئەزالىرى بۇلۇپ ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەر  كەلگەنىكەن. شۇ چاغدا بىلدۇقكى ئۆمەرجان ئاكا مۇنداقلا سەييارە ماھارەت كۆرسەتكۈچى بولماستىن ، ئۇنىڭ يەنە جۇڭگو مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزىنىڭ ئالاھىدە خادىمى، جۇڭگو مودا-سەنئەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىللى مائارىپ كېڭەشمىسىنىڭ ئىش بىجىرگۈچىسى، جۇڭگو خەيرى-ساخاۋەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى دېگەندەك ئالاھىدە سالاھىتى بار ئىكەن. مەسلىھەتلىشى ئارقىلىق تۇنجى كۈنى پارلامىنت ۋەكىللىرى ئۆمەرجان ئاكىنى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى.ئەتىسىدىن باشلاپ SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ۋەكللىرى ئۆمەرجان ئاكىنى باشقا مېھمانخانىغا ئېلىپ كەتتى. شۇ كۈنى ئۆمەرجان ئاكا SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتكەندىن كىيىن ،  سىنغا ئېلىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىككى كۈن جەريانىدا ئۆمەرجان ئاكىنى كورىيەنىڭ مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلدۇردۇق. بۇ جەرياندا ئۆمەرجان ئاكا كورىيەدىكى تۈركىيە ، پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان ئاشخانسىنىڭ نان-كاۋاپلىرىدىن باشقا ھېچقانداق تاماق يىمىدى. . . . . . 
           10-ئاينىڭ 17-كۈنى STARKING پروگراممىسى سىنغا ئېلىندى. ئۆمەرجان ئاكىغا سەھنىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەش تەكلىپىنى بەرگەن بولساقمۇ، تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان مەخسۇس تەرجىمان يوق. شۇنداقلا ئىستانىسىنىڭ مەخسۇس تەرجىمانىدىن باشقىلارنىڭ سەھنىدە تەرجىمە قىلىشىغا روخسەت قىلىنمايدىكەن. شۇڭا ئۆمەرجان ئاكا سەھنىدە خەنزۇچە سۆزلىدى. (خەنزۇچە تەرجىمان بولغاچقا). ئۆمەرجان ئاكا ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن قالتىس ماھارەتلىرىنى كەينى-كەينىدىن كۆرسىتىپ ، سەھنىدىكى چولپانلار ۋە تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتتى.ھەتتا سەھنىدىكى بەزى چولپانلار ئۆمەرجان ئاكىنىڭ تاش چاققان ھالىتىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ، بىر-بىرىنىڭ كەينىگە مۆكىنىۋېىلىشتى. ئاخىرىدا ئۆمەرجان ئاكىنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەندىن قىلغان كىرىمىنى يەنىلا جەمئىيەتتىكى قىينچىلىقى بارلارغا ئىئانە قىلىدىغان سۆزى ۋە گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن سىن ئېلىش تاماملاندى. 
         10  -ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆمەرجان ئاكا ماھارەت كۆرسەتكەن پروگرامما تېلۋىزوردا تارقىتىلدى.مىق يىگەن كۆرۈنۈش كېسىۋېتىلىنىپتۇ. تېلۋىزوردا قۇيۇلغاندىن كىيىن رېژىسورغا تېلفۇن قىلىپ سەۋەبىنى سورىساق،  ئۇ كۆرۈنۈشنى تارقاتساق، دوختۇرخانىغا بىمار توشۇپ كېتىدۇ دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە كېسىۋىتلگەن كۆرۈنۈشلەرمۇخېلى باركەن. بىز پروگرامما گۇرۇپپىسىدىن بىزگە ئەۋەتىپ بەرگەن پلاستىنكىسىنى قايتا رەتلەپ،پەقەت ئۆمەرجان ئاكىنىڭ كۆرۈنۈشى بار قىسمىنى كېسىپ ئېلىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق. مەۋسۈملۈك ئىمتىھان يېقىنلىشىپ قالغاچقا ،ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن جەرياننى تەرجىمە قىلماي ،مۇھىم گەپ-سۆز ۋە كورىيەچە خەتلەرنىلا ئىخچاملاپ تەرجىمە قىلدۇق. 

          تۆۋەندە بىز ئۆمەرجان ئاكا  ۋە بىر قىسىم كورىيە چولپانلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۆرەتلەر: 
     

     

      

     

    ئۆمەرجان ئاكا قاتناشقان كورىيە STARKING  پروگراممىسى:

  •  manba  :http://netv.sbs.co.kr/sbox/sbox_index.jsp?uccid=10000637371

     

     

     

  •  كورىيە كىنولىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئۇيغۇرلار خېلى بارغۇ دەيمەن - ھە؟ ئۇنداقتا كورىيەلىكلەر راستىنلا شۇ كىنولاردىكى ئارتىسلار ياراتقان ئوبراز بىلەن ئوخشاشمۇ؟ يېقىندىن بۇيان كورىيەگە قىزىقىدىغانلار، كورىيەگە كېلىپ، ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى. مەن كورىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن  كورىيە شۇنداقلا كورىئانلار توغۇرسىدا بىلگەنلىرىمدىن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم. $^aXVy5p  
            1. ئاۋۋال كورىيە تىلى توغۇرسىدا توختىلىپ ئۆتەي:  RSee z P6#  
            كورىيە تىلىمۇ ئالتاي تىل سېستىمىسغا كىرىدىغان بولغاچقا ، جۈملىنىڭ گرامماتىكلىق تەرتىپى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ. يەنى ئاۋۋال ئىگە، ئاندىن تولدۇرغۇچى،ئاخىرىدا خەۋەر  تەرتىپى بۇيىچە تۈزۈلىدۇ. ھازىرقى زامان كورىيە تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرى بولسا تەخمىنەن  %50 خەنزۇچە سۆزلۈكلەر بىلەن  ئوخششىپ كېتىدۇ. مەسلەن : تەييارلىق. تەييارلاش   .  بۇ سۆز   خەنزۇچىدا  准备  بولسا، كورىيەتىلىدا  :   준비   ] جۇنبى [ دەپ ئوقۇلىدۇ .  خۇددى zhunbei دېگەن سۆزنى خەنزۇچە  توغرا تەلەپپۇز قىلالمىغاندەكلا ئاڭلىنىدۇ. تاماشا قىلىش، سەيلە قىلىش 观光دېگەن سۆز،كورىيە تىلىدا 관광 بۇلۇپ،  ] گۇان گۇاڭ [ دەپ ئوقۇلىدۇ. تازلىق ئۆيى(ھاجەتخانا) بولسا 화장실  ]خۇا جاڭ شىل [ دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 化妆室 دېگەن سۆزگە توغرا كېلىدۇ. 9)hC,)5   
          جۈملىدىن مىسال كەلتۈرسەك : 아이산  씨가 시장에 갔어요   (ھەسەن بازارغا كەتتى)   ] ئائى سان شى گا  شى چاڭ ئېي  كاتسويو[ دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇيەردىكى 시장 ]شى چاڭ[ نىڭ 市场 ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولدىڭىزغۇ  -دەيمەن. كورىيە تىلىدا  يەنە ھۆرمەت شەكلى دەيدىغان مۇرەككەپرەك بىرخىل جۈملە شەكلى بۇلۇپ، چوڭلارغا، مېھمان ياكى خېرىدارلارغا سۆزلىگەندە ئىشلىتىلىدۇ، ھەتتا ئاتا - ئانىسى، ياكى ئوقۇتقۇچىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقىلارغا بايان قىلماقچى بولسىمۇ ، يەنىلا جۈملىنىڭ ھۆرمەت شەكلىنى قوللىنىدۇ.  E4ee_`p  
            بىز ئۇيغۇرلار كورىيە تىلىنىڭ گرامماتىكا تەرتىپىنى ئۇيغۇر تىلىغا،  سۆزلىرىنى بولسا خەنزۇ تىلىغا تەتبىقلاپ ئۆگەنسەك، باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ  تېز ئۆگىنەلەيمىز. بۇ بىزدە بار بولغان ئالاھىدە ئەۋزەللىك. كورىيە يېزىقىدا  ئاساسلىقى24 ھەرىپ  بولغاچقا ، كورىيەدە ساۋاتسىزلار مەۋجۈت ئەمەس دەپ قارىلىدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق، 80 ياشلىق مومايلاردىن سورىسىڭىزمۇ خەت دېگەننى ھەجىلمەي ئوقۇپ بېرەلەيدۇ. لېكىن بىزنىڭ تىلىمىزمۇ پەقەت 32 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن بۇلۇشىغا قارىماي، تېخىچە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئۇچۈن تىرىشىپ ئولتۇرىۋاتىمىز. I}A#*iD  
           ئۇندىن باشقا ئامىرىكىنىڭ كورىيەگە بولغان تەسىرى تۈپەيلى ، كورىيە تىلىدا  ئېنگىلىز تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرمۇ ئاز ئەمەس. كورىيەلىكلەرنىڭ تىلى قاتتىق بولغاچقا ئېنگلىز تىلىنى ئۆگۈنۈشتە ئەڭ قىينىلدىغان مىللەت دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئېنىگلىز تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر كىشىنى بىر خىل بىئارام قىلىدۇ. بەلكىم ئېنگلىز تىلى بىلمىسىڭىز بۇنى ھېس قىلالمايسىز. F5q1VEe  
      مەسلەن: express  دېگەن بۇ سۆز، كورىيە تىلىدىمۇ كەڭ ئىشىلىتىلىدىغان سۆز بۇلۇپ . 엑스프레스 ]ئېك سى پې رې سى [   دەپ ئوقۇلىدۇ. كورىيە تىلىد<< ف،F>> ھەرىپى يوق. شۇڭا ئېنگلىز تىلىدىكى fighting  سۆزىنى يېزىقچە 파이팅  ] پائى تىڭ [ دەپ ئىپادىلىسە، ئېغىزتىلىدا ] خۇاي تىڭ[ دەپ ئىپادىلەيدۇ.  <<رومانتىك داچا>> فىلىمىدە  ]ئاجا جا خۇاي تىڭ[ دېگەن سۆزنى تولا ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مومكىن. o=2`N2 AL  
         2. كورىيەنىڭ قىزلىرىغا كەلسەك: UVU*5U~  
         كورىيە قىزلىرى بىز كىنولاردا كۆرگەندەك ئۇنچە چىرايلىقمۇ ئەمەس. كىنولارغا ئەلۋەتتە چىرايلىقلىرىنى تاللاپ چىقىرىدىغاننى ھەممىمىز ئويلاپ يىتەلەيمىز. لېكىن شۇ چىرايلىق ئارتىسلارمۇ كۆپىنچىسى ھۆسىن تۈزەتكەن سۈنئي گۈزەللەر.كورىيە ھۆسىن تۈزەش تېخنىكىسى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.  كورىيەدە كىنو ئارتىسلىرى بىرەر كىنودا رول ئېلىپ قۇيۇپ، تېزلا چولپان بۇلۇپ كېتىدۇ ، بۈگۈنى بىر كىنودا ياخشى رول ئالغان ئارتىس ئەتىسىلا تېلۋىزوردىكى ھەرخىل مەھسۇلات ئېلانلىرىدا پەيدا بۇلىدۇ. لېكىن بۇ چولپانلار يەنە ئۇزۇنغا قالمايلا غايىپ بۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ ئايال ئارتسلار. چۈنكى كورىيەدە قىزلار توي قىلىپ بۇلۇپلا ھېچقانداق خىزمەت قىلماي، مەخسۇس ئائىلىدە بالا باقىدۇ، بالا تەربىيلەيدۇ. شۇڭا ياش چىرايلىق قىز ئارتىسلار، توي قىلغاندىن كىيىن <چولپان>لىقى بىلەن تېزلا خوشلىشىدۇ.  bu5)~|?{t  
          ئادەتتە كورىيە قىزلىرى ماي دېگەننى بۇلۇشىغا سۈرۈپ يۇزىنى ئاپئاق قىلىۋالىدۇ. لېكىن يازنىڭ پىژغىرىم ئىسىىقىدا تەرلەپ مايلىرى ئېقىپ كەتمەيدىغىنىغا ھەيرانمەن. كورىيە قىزلىرى ئاق ھاراق دېگەننى سۇدەك ئىچىپ قۇيىدۇ.  سېمىز ئوغۇللارنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئوغۇللارنىڭ قورسىقىغا بەك دېققەت قىلىدۇ. ئوغۇللارنىڭ قورسىقىدىكى مۇسكۇل قانچە چىڭ ھەم بۆلەكلىرى شۇنچە كۆرىنەرلىك بولسا ، قىزلارغا شۇنچە بەك ياراىدۇ. كورىيە قىزلىرى بىز كىنودا كۆرگەندەك مۇھەببەت دېسە ھەممىدىن كېچىدىغان، مۇھەببەت ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلىدىغان ئۇنچىۋالا ساداقەتمەنمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئوغۇللارنىڭ پۇلى. شۇڭا ھازىر كورىيەدە ياشلارنىڭ توي قىلىش مەسلىسى بىر ئېغىر مەسلە بۇلۇپ قالماقتا. ئوغۇللار ئاز چىقىم قىلىپ چەتئەللەردىن خوتۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. قىزلار بولسا غەرىپلىك ئەرلەرگە تەلمۇرۇپ قاراپ ئولتۇرىدۇ. بىر قاملاشمىغان يېرى شۇكى  توي قىلغان ئەر - خوتۇنلار  سىرىتتا يەنە ئاشنا تۇتۇپ يۈرۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەستەك، ھەر ئىككى تەرەپ سىرتتا ئاشنىس بارلىقىنى ئېنىق بىلىشىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بىر ئۆريدە ئارتۇق جوداسى يوق ئەر - خوتۇن بۇلۇپ ئۆتېىۋىرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. 9h=WWu',  
            3 . ئېسىل پەزىلەتلىرى  xT>V ;aa\  
          ئاياللار بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتىراپلىق  تەربىيلەشكە بەك كۈچ چىقىرىدۇ. بالىنىڭ  مەلۇم قىزىقىشى ياكى تالانتىنى بايقىسىلا كىچىكىدىن باشلاپ شۇ يۈنلىش بۇيىچە تەربىيلەيدۇ.كورىيەنىڭ STARKING دەيدىغان بىر تېلۋېزىيە پروگراممىسى بار بۇلۇپ، بۇ پروگراممىدا ئاجايىپ تالانىت ۋە ماھارەتكە ئىگە بالىلارنى دائىم تۇنۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ.  بالىلار شۇنچىلىك  ئىلمى -سىپايە ھەم ئەستاھىدىل  چوڭ بۇلىدۇ. چوڭلارنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ. ھەتتا كوچا ئاپتۇبىسىغا چىقسىمۇ ، شوپۇرغا ئېگىلىپ ئۆز-ئارا سالاملىشىدۇ.  ھەرۋاقىت باشقىلارغا ياردەم بېرىش  ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتى. يولدا كېتىپ بارغانلاردىن  پالانى يەرگە قانداق بارىدۇ؟ دەپ سوراپ قالسىڭىز، ۋاقتى بولسا ئۆزى يول باشلاپ سىزنى شۇ جايغا ئاپىرىپ قويىدۇ. كورىيەدە ئوغۇرلۇق يوق دىيەرلىك. ھەتتا تېلغۇن ياكى لەپتوپ كومپىيوتېرىڭىزنى بىرەر جايدا ئۇنتۇلۇپ قالسىڭىز، 1 كۈندىن كىيىن شۇ جايغا بېرىپمۇ نەرسلىرىڭىزنى تېپىپ كېلەلەيسىز. بۇلار ئۆيلىرىدە كونىراپ قالغان ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئەچىقىپ تاشلىۋىتىدۇ. شۇنىمۇ ئېلىپ كېتىدىغانلار چىقمايدۇ. ئەخلەت قاتارىدا تاشلىۋىتلدى دېگەن خەتنى يېزىپ چاپلاپ قويغاندىلا، تازلىق ئىشچىلىرى ئەخلەت ماشىنلىرىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ. Z|wDM^Lf  
         كورىيەلىكلەر تۈركىيەلىكلەرنى ئالاھىدە چوڭ كۆرىدۇ.تۈركىيە ئۇرۇش مەزگىللىرىدە كورىيەگە ياردەم قىلغان بولغاچقا،  تۈركىيەلىكلەرنى ئاكا مىللەت دەپ قارايدۇ. تۈركىيەلىكلەر كورىيەدە ئوقۇماقچى بولسا، ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ. w2V E_  
        4.   يىمەك ئىچمەك مەدىنىيىتى:  rt;>pQ9,  
       كورىيانلارنىڭ ئاساسلىق يەيدىغىنى گۈرۈچ. ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىققىمۇ گۈرۈچ تامىقى (مىغەن) يەيدۇ. ئۇن يمەكلىرىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. تاماق يىگەندە قايناقسۇ ياكى چاي ئىچمەستىن،قىش ياكى ياز بۇلىشىغا قارىماي  توڭلاتقۇدا ساقلاپ قويغان مۇزدەك سۇنى ئىچىدۇ. كورىيەدە كالا گۆشى ھەممىدىن قىممەت. قوي گۆشى ئەرزان.  مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ دېگىنىدەك ، كورىيەلىكلەر يېسىۋېلەك (بەسەي)نى راستىنلا كالىدەك يەپ قويىدۇ. مەيلى قانداقلا تاماق يسىۇن، چىلىغان يېسىۋېلەك كەم بولسا بولمايدۇ. يېسىۋىلەكنى لازا قىيامى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ، خېمىر يۇغۇرغاندەك يۇغۇرۇپ، بىز ئۇيغۇرلار 1 ئاي چىلاپ پۇشۇرىدىغان يېسىۋىلەكنى بۇلار 1 سائەتتىلا بىر تەرەپ قلىۋېتىدۇ. بۇ يىل كورىيەنىڭ ھاۋا كىلماتى تۈپەيلى ېېسىۋىلەك بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالماي قالدى. كورىيە ھۆكۈمىتى جوڭگو بىلەن باجنى كېمەيتشىكە كېلىشىپ تۇرۇپ، جوڭگودىن يېسۋېلەك ئىمپورىت قىلدى. لېكىن  ئىمپورىت قىلغان يېسىۋىلەك كورىيەلىكلەرنىڭ ئاغزىغا تېتىمىغاچقا ، نۇرغۇن يېسىۋىلەك بازارغا چىقماي تۇرۇپلا سېسىپ كەتتى. @"2-tn@q_  
        5. سىياسى جەھەتتە: u8=|{)yL  
         كورىيەدە دىموكراتىيەمۇ خىلى يۇقۇرى پەللىگە چىققان. ھەرقانچە چوڭ ھوقوقى بار ئەمەلدارنى ئادەتتە بىر ساقچى تۇتۇپ ئاپىرىپ سوراق قىلالايدۇ. خىيانەتچىلىكى بايغالغان ئەمەلدارنى خەلق بايغاپ قالغان ھامان ئۆرۈپ تاشلايدۇ. ھەرقانداق بىر پۇقرا ئۆزىگە يارىمىغان ئەمەلدارغا قارىتا ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلالايدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق كورىيە زوڭتۇڭى دېھقانلار ئىچىدىن چىققان زوڭتۇڭ بۇلۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن 2 تۈمەن خەلق پۇلىغا خىيانەت قىلدى دەپ ئەيىپلىنگەچكە، ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ ئۆلىۋالغان. ئاخىرى ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. كورىيەنىڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىلىرى خۇسۇسىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ تارقىتىش ئەركىنلىككە ئىگە. ھۆكۈمەتمۇ  بۇ ئىشلارغا ئارلىشالمايدۇ. u%'22q$  

       6.كورىيەدىكى ئۇيغۇرلار:  6>%NL"* ]  
        كورىيەدىكى ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەردىكىدەك كۆپ ئەمەس، بىلىشىمچە ھازىر كورىيەدە 30 دەك ئۇيغۇر بار. كۆپىنچىسى كومپىيوتېر، سودا  -سانائەت، تىبابەت قاتارلىق كەسپىدە ماگىستىر، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار.قىزلار بەك ئاز . ئۇندىن باشقا يەنە شىنجاڭ ئونۋىرىستىتىدىن كەلگەن ، سىئول ئونۋىرىستىتىدا تەتقىقات بىلەن شوغۇنلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار.  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئۆزى جاپالىق  ئىشلەپ پۇل تېپىپ، تۇرمۇش پۇلى ۋە ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. كورىيەلىك بىلەن توي قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار يوق ئوخشايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بۇنداقلارنى بىلىدىغانلارمۇ يوقكەن. h {btT  
       7. كورىئانلاردىكى مىللى ئاڭ. PxY"{-iAM  
         كورىئانلارنىڭ مىللى ئېڭى ۋەتەنپەرۋەرلىكى كۈچلۇك، شۇڭا ئۇلار باشقا دۆلەتنىڭ ماللىرىنى سېتىۋالماي، مىللى كارخانىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈنلەي كورىيە  ماللىرىنى سېتىۋالىدۇ. كوچىلارغا قارىسىڭىزمۇ چەتئەلنىڭ داڭلىق باۋما، بېنىز دېگەندەك ماشىنلىرىنى كۆپ ئۇچىرىتالمايسىز. ئاساسەن كورىيەنىڭ داڭلىق ماشىنا كارخانىلىرىدا ئىشلەنگەن <شىيەندەي - hyonday >، <كىيا  - KIA >,< شۇاڭلۇڭ - 双龙  - SSANG YONG >, <دايۈ  -DAEWOO > قاتارلىق ماشىنلىرىنى ئىشلىتىدۇ. كورىيەنىڭ  مىللى كارخانىلىرىمۇ مەھسۇلات سۈپىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغاچقا ، ساختا مەھسۇلات ئاساسەن يوق دىيەرلىك. سېتىۋېلىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتىمۇ كىشىنى شۇنداق رازى قىلىدۇ. سېتىۋالغان مەھسۇلات يارىماي قالسا، مەھسۇلات سۈپىتىدە چاتاق بولمىغان تەقدىردىمۇ ، قايتۇرىۋېتىپ پۇلىڭىزنى تۇلۇق تاپشۇرۇپ ئېلىۋالالايسىز. كورىيەلىكلەر ئۆز -ئارا بەك ئىشىنىشىدۇ. شۇڭا توردىن مال سېتىۋىلىشتىنمۇ قىلچىلىك ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدۇ. ھەرقانداق مەھسۇلاتنى دىگۈدەك  پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان《 按揭》قىلىپ سېتىۋېلىشقا بۇلىدۇ. شۇڭا كورىيەلىكلەر قىممەت باھالىق مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىككىلەنمەي سېتىۋالالايدۇ. كورىيەلىكلەر مال  باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن  يۇقۇرى  مۇئاش ئالىدۇ. ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر بىر ئايلىق مۇئاشىغا    لەپتوپ كومپىوتېرىدىن 3 -4 نىمۇ سېتىۋالالايدۇ. z05pVe/5  
          كورىيە توغىرسىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار بلوگىمىزدا . بلوگ ئادىرىسىمىز: http://xjkorea.blogbus.com

  • قىسقىچە ئارخىپى
    ئىسمى:ساباھەت سەمەت
    تۇغۇلغان ۋاقتى:2002-يىلى10-ئاينىڭ21-كۈنى
    يۇرتى:شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيسى
    ئالاھىدىلىكى:ناخشا ئېيتىش،ئۇسۇل ئويناش، رىياسەتچىلىك،دىكلاماتسىيە
    شەخس بلوگى :http://blog.sina.com.cn/u/1753239847

  • ئالىيە ھۈسەيىن كورىيە مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا

    ئالىيە ھۈسەيىن 

    ئالىيە ھۈسەيىن (32ياش) ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، كىيىن كورىيەگە بېرىپ ئىنگىلىز تىل – ئەدەبىياتى ئوقۇغان. بۇ ئىككى كۆزى ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان جۇشقۇن ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئىنگىلىز ۋە كورىيە تىللىرىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ سىئول پارلامىتىنى زىيارەت قىلغۇچى مىھمانلارنى كۈتىۋېلىشقا مەسئۇل قىلىنىپ، سىئول ساغېن دىمۇكىراتىيە مەيدانىنى نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇپ – تەشۋىق قىلغۇچى كۆزىگە ئايلاندى. ئۇ ئۆز يۇرتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كورىيەلىكلەر ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ، يەرلىكنىڭ توختاملىق دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قېلىنىشتا پۈتۈنلەي “يەر شارىلىق رىقابەت كۈچى” گە تاياندى.

    ئۇ جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا كورىيەلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشقان، 2000-يىلى كورىيەگە كەلگەن. كورىيەگە كەلگەندىن كىيىن، ئاۋال شۇمىڭ قىزلار ئونۋېرسىتېتىدا كورىيە تىلى ئىنىستىتوتىدا كورىيە تىلى ئۈگەنگەن، كىيىن يەنە شۇ مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن، بۇيىل خەلقئارا مۇناسىۋەتلىشىش ئىلمىنىڭ ئاسپىرانتلىغىنى تاماملىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “كورىيە ۋە ئىنگىلىز تىل – يېزىقىنى ئۈگۈنۈش جەريانىدا تەبىئىلا < يەر شارىلىق رىقابەت كۈچى > منى يىتىلتۇردۇم. “

    “كورىيە تىلىدا ھۆرمەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىش مۇرەككەپرەك، لىكىن ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاشلا ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولغاچقا، سۆز تەرتىبى ئوخشاش، ئۈگۈنۈش ئانچە تەس ئەمەس. مەن كورىيە تىلى ئىنىستىتوتىدا ئۆزەمنىڭ پۇلىغا ئوقىغان، كىيىن تولۇق كورس بىلەن ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇغاندا ئىنىستىتوتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشتىم. “

    ھۈسەيىن قىزى ئالىيە ئۆزىنىڭ كورىيەدە خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي كورىيەلىك دوستلىرىنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىدىن دەپ قاراپ مۇنداق دەيدۇ: “مەن كىچىگىمدىنلا دوستلىرىم بىلەن چىقىشىپ ئويناشنى ياخشى كۆرەتتىم. مەن ھازىرمۇ ئازراق ۋاقتىم بولسىلا شۇمىڭ قىزلار ئونۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇغان دوستلىرىم ۋە ئۇستازلىرىم بىلەن توردا پاراڭلىشىپ تۇرىمەن. بۇ يىل بۇرۇنقى دوستلىرىم بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىشنى ئويلاۋاتىمەن. “

    ئۇ ئارىلىقتا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى(APEC) مىنىستىرلار يېغىنى(2005-يىل 6-ئاي)، دۆلەتلەر ئولىمپىك كوممىتىتى جەمئىيىتى (ANOC) چوڭ يىغىنى(2006-يىل 3-ئاي) قاتارلىق خەلقئارالىق يېغىنلاردا ئۆزىنىڭ تەرجىمانلىق ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى. ئۇ: “مەن تۈنجى قېتىم كۆرۈشكەن كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە ۋە پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ سىھرى كۈچنى چوڭقۇر ھىس قىلىشىغا ياردەم قىلىمەن.”- دىدى. ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا سىئول شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە “پارلامىنتنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىگە مەمۇر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى” نى كۆرگەندىن كىيىن، دەرھال بېرىپ تىزىملىتىشىممۇ مىنىڭ دائىم باشقىلار بىلەن خۇشال – خۇرام ھالدا سۆزلىشەلەيدىغانلىغىمدىن بولدى،-دىدى

    ئۇ ئەمدى ھەر يىلى 15مىڭ ئادەمگە سىئول شەھەرلىك پارلامىنتنى تۇنۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت سىتراتىگىيىسى بولسا: مەنىلىك سۆزلەش، ئەزمىسىنى ئەزمەسلىك! ئۇ دەيدۇكى: ئالدى بىلەن مىھمانلارنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى، قايسى ياش-قۇرامدا ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئوبدان ئىگىلىۋېلىپ، ئاندىن ئەستائىدىل تەييارلىق قىلىش كىرەك. ئەگەر مىھمانلارغا: “سىئول پارلامىنتى ئەسلىدە بىزنىڭ تۇرمىشىمىز بىلەن مانا مۇشۇنداق زىچ مۇناسىۋىتى بار جايكەن” دىگەننى ھىس قىلدۇرالىساق، ئۇلارنىڭ زىيارىتى نىمىشقا مەنىلىك بولمايدىكەن؟ ئەلۋەتتە، بەزىلەر يەنە بىر قانچە ئېغىز ئۇيغۇر تىلى ئۈگۈتۈپ قويۇشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.

    بۇ يازمىنىڭ كورىيەچىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىسقا مەرھەمەت:
    http://news.chosun.com/site/data/html_dir/2008/02/11/2008021100046.html


  •       مۇرات ناسىروف

  •  

     

    دوكتۇر رەيھان بەكتۇر 1992- يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا شىنجاڭ بويىچە ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر بىلەن چىڭخۇا ئۇنۋېرسېتىنىڭ ئېلېكتېر ئېنژىنىرلىقى (Electrical and Electronics Engineering) كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ 1998-ىيلى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىدىن باكلاۋۇلۇق ئۇنۋانىغا، 2000-يىلى جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيسىدىن ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا، 2005-يىلى ئامرىكنىڭ كلېمسۇن ئۇنۋېرسىتىدىن (Clemson University ) دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. ھازىر ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋرسىتىنىڭ(Utah State University) ئېلېكتېر ئىنژىنىرلىق فاكولتىتىدا ياردەمچى پروفىسسور (assistant professor ) بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئاساسلىق تەتقىقات يۈنۇلۈشى ھىساپلاش ئېلېكتېر ماگنىتى(computational electromagnetics)، كىچكىك تىپتىكى سۈنئى ھەمراغا ئىشلىتىدىغان ئانتىنا لاھىيلەش (antenna designs for small satellites)، سىمسىز ئالاقە ئۈچۈن مىكرودولقۇنلۇق توپلاشتۇرۇلغان توك يولى لاھىيلەش (miniaturized microwave circuits for wireless communication) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە دوكتور ۋە ئاسپرانىت ئوقۇغۇچى تەربىيلەيدۇ، فاكولتىتتا دەرىس بىرىدۇ.  

    مەنبە:جېك بلوگى

  • زىيارەت سانى: